ئابدۇۋەلى ئايۇپ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللارنى قوغداش كومىتېتى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر شەخس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

ئامېرىكا تىلشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ 11-ئاينىڭ 19 كۈنىدىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللارنى قوغداش كومىتېتى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تىلشۇناسلىق مۇنەۋۋەر مۇكاپاتى بەرگەن.

2013-يىلى تەسىس قىلىنغان بۇ مۇكاپات، شەخسلەرنىڭ ئۆز جەمئىيىتىنىڭ تىلى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن بېرىلىدىكەن.

مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللارنى قوغداش كومىتېتى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان خىزمىتى ۋە ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئابدۇۋەلى ئايۇپ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىگە بېغىشلىغان. بولۇپمۇ خەتەرگە قارىماي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساقلىنىشى ۋە داۋام قىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئابدۇۋەلىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى تىلشۇناسلىق مۇنەۋۋەر مۇكاپاتىغا لايىق كۆردۇق».

تىلشۇناسلىق مۇنەۋۋەر مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن بارلىق شەخسلەرنىڭ مۇكاپاتى 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا تىلشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ يىللىق چوڭ يىغىنىدا بېرىلىدىكەن.