CNN نىڭ 26-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دۇنياغا داڭلىق «ئادىداس» (Adidas) شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئىككى خىزمەتچىسى چىرىكلىككە باغلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «ئادىداس» شىركىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بازار بولغان خىتايدا شىركەت مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بۇ ئىككىيلەن نەچچە مىليون ياۋرو قىممىتىدە مەبلەغنى يۇتۇۋېلىش ۋە تاپاۋەت ھەققى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يانچۇقىنى تولدۇرغان. «ئادىداس» نىڭ ئاخبارات مەسئۇلى كلاۋديا لانگې (Claudia Lange) بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئۇلار خىزمەت قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان، شۇنىڭدەك رەھبەرلىك گۇرۇھى ئۈمىد قىلغان ھۆرمەت ۋە ئىشەنچنى نامايان قىلالمىغان» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى «ئادىداس» شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان خىتاي خىزمەتچىلەر شىركەتنىڭ گېرمانىيەدىكى مەسئۇللىرىغا بۇ ئەھۋالنى نامسىز خەت شەكلىدە پاش قىلغاندىن كېيىن، مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مۇشۇ يىپ ئۇچى ئاساسىدا تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتكەن. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ نەچچە مىليون ياۋرولۇق پارىخورلۇق قىلمىشى ئاشكارا بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئادىداس» شىركىتى خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلانغانلىقى ئېنىق بولغان شىركەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. بولۇپمۇ ئۇلار بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشلەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇر كىنو ئارتىسى دىلرەبا دىلمۇراتنى ئۆزلىرىنىڭ «مەھسۇلات ئەلچىسى» قىلىپ ئېلان قىلغان. ھالبۇكى، شىركەت مەسئۇللىرى ئىزچىل تۈردە ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدە ھېچقانداق مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىلىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىكەن.