پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇر يېڭى رېكورت ياراتتى


خىتايدا «پەلەك شاھى» دەپ شۆھرەت قازانغان ئاتاقلىق دارۋاز ئادىل ھوشۇر يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا قارىماي، يەنىلا ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىش ۋە يەنە ئېگىز ۋە خەتەرلىك ئۆتكەللەرگە جەڭ ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئاسىيا كىنىدىكى گېزىتى تورى ۋە باشقا ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردا قەيت قىلىنىشىچە، ئادىل ھوشۇر 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، تۇرپاننىڭ بۇيلۇق رايونىدا ئېگىزلىكى 180 نەچچە مېتىر، كەڭلىكى 1650 مېتىر كېلىدىغان جايغا تارتىلغان پولات سىمدا ھەر خىل خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، شاگىرتى بىلەن بىرگە مېڭىپ ئۆتكەن.

بۇ ئادىل ھوشۇرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ ئېگىز ۋە كەڭ تاغ جىلغىسىغا تارتىلغان پولات سىمدا غەلىبىلىك مېڭىپ ئۆتۈشى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ تۇرپان بۇيلۇقتىن ئۆتكەندە ھاۋا تېمپراتۇرىسى ناھايىتى ئىسسىق بولغانلىقى ئۈچۈن، پولات سىمنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ يۇقىرى بولغان.

ئۇ، ئىلگىرىكى جەڭ ئېلان قىلغان تۈرلەرگە قارىغاندا، بۇيلۇقتىكى بۇ قېتىملىق ماھارەت كۆرسىتىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ ناھايىتى مۈشكۈل بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئادىل ھوشۇر ھازىر مەخسۇس دارۋازلىق مەكتىپى ئاچقان بولۇپ، ئۇنىڭدا 7 ياشتىن 28 ياشقىچە بولغان 20 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى مەخسۇس دارۋازلىق كەسپى ئۆگىنىۋېتىپتۇ.

ئادىل ھوشۇر خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىرىلىرىدىكى بىر قانچە ئېگىز ۋە خەتەرلىك تاغ جىلغىلىرىدىن ئۆتۈپ، بەش قېتىم دۇنيا رېكورتى ياراتقان ئىكەن.

ئۇ، تۇنجى قېتىم ئېگىزلىكى تۆت يۈز مېتىر كېلىدىغان سەنشيا بوغۇزىدىن ئۆتۇش بىلەن داڭ چىقارغان ئىدى.