تۇتقۇن قىلىنغان ئادۋوكاتلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت يازدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-10-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18 - نۆۋەتلىك 6 - ئومۇمىي يىغىنى 24 - ئۆكتەبىر بېيجىڭدا باشلاندى. ئوخشاش بىر كۈندە 2015 - يىلى يۈز بەرگەن «9 - ئىيۇل ئادۋوكاتلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى» دە يېقىنلىرى تۈرمىگە تاشلانغان 35 ئائىلە بىرلەشمە ئىمزالىق ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭدىن ئۆز ۋاقتىدا خاتالىقىنى تۈزىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە ئىش قىلىشىنى، 9 - ئىيۇل تۇتقۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا، ئادۋوكاتلىرىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئوچۇق خەتتە، 1 يىل 4 ئايغا سوزۇلغان تۇتقۇن مەزگىلىدە «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايەتلىرى ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئادۋوكاتلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، ساقچىلارنىڭ قىيناپ سوراق قىلىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇۋاتقانلىقى، 9 - ئىيۇل تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە چېتىلغان ئادەمنىڭ كۆپلۈكى، ئارتىلغان جىنايەتنىڭ ئېغىرلىقى، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈش جەريانىنىڭ ئاشكارا ئەمەسلىكى، تۇتقۇنلارنى تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە مەجبۇرىي تۆۋە قىلدۇرۇش قاتارلىق قانۇنسىز مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلىقى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنىپ، تۈرمىدىكى بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

9 - ئىيۇل تۇتقۇنلىرىدىن ئادۋوكات شې يەنيىنىڭ ئايالى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە ئىمزالىق خەت ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر خەتكە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىشىگە ئۈمىد باغلىمايدىغانلىقىنى، لېكىن خەتكە ئىمزا قويغان ئادۋوكاتلار ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنىڭ بۇ خەتنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت