ئەلجەزىرە قانىلى ئافغانىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەل-جەزىرەنىڭ ئافغانىستاندىن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئافغانىستاننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىمى ئۆتكەن ياز ئىسرائىل ئەخمەت قاتارلىق 12 ئۇيغۇرنىڭ ئافغان دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كابۇل ئايرودرومىدا ئۇلارنى ئالغىلى كەلگەن خىتاي خادىملارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئىگىلىنىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە بالىلىرىمۇ باشقا بىر كامىرىغا سولانغان. ئەمما ھازىر ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ئەل-جەزىرە قانىلى خەۋىرىدە، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەخپىي ھالدا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوشنا ئەللەرگە بۇ ھەقتە قارىتىۋاتقان بېسىمىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتكەن. يۇقىرىدىكى خادىمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئۇلار يەنە 5 ئۇيغۇرنى تۇتۇۋالغان، بىراق ئۇلار قېچىپ كەتكەن.
ئەل-جەزىرە خەۋىرىدە يېقىندا خىتاينىڭ ئافغانىستانغا تالىبان بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ياردەم قىلىشقا ۋەدە قىلغانلىقىنى، بۇنىڭغا جاۋابەن ئافغان پرېزىدېنتى ئەشرەف غانىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارشى كۈرىشىنى يېقىندىن قوللاش ۋەدىسى بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان.
