«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 23-سېنتەبىردىكى سانىدا ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنىڭ ئائىلىسى بۇنىدىن 50 يىللار بۇرۇن خىتاينىڭ ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە ئافغانىستانغا كۆچۈپ كەلگەن ئىككىنچى ئەۋلات ئۇيغۇرلار بولسىمۇ، بىراق تالىبانلارنىڭ يەنىلا ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ياشىماقتا ئىكەن. ئافغانىستاندا تۇغۇلغان ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر: «بىز قاتتىق ئەنسىرەۋاتىمىز ۋە بەك جىىدىلىشىۋاتىمىز… باللىلىرىمىز بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزدىن ئەنسىرەپ، سىرتقا چىقماسلىقىمىزنى تاپىلاۋاتىدۇ،» دېگەن.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئافغانىستاندا تەخمىنەن 2000 دىن 3000 گىچە ئۇيغۇر ياشىماقتا ئىكەن. خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئافغان رەھبەرلىرىدىن ئافغانىستاننى بازا قىلغان ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنى باشتۇرۇش ۋە قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، تالىبانلارنىڭ خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇشقا قىزىقىدىغانلىقى، ئەمما ئامېرىكانىڭ سابىق پرېزىدېنت ترامپ دەۋرىدە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» نى «تېرورلىق تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە «ئافغانىستاندىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تالىبانلارنىڭ خىتاينىڭ قوللىشى ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە ‹تېرورچى› دەپ تامغا ئۇرۇپ، خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشىدىن قورقىدىغانلىقى، شۇنداقتىمۇ ئۆتكەن ئايدا بىر ئايالنىڭ ئانىسى ۋە ئىككى سىڭلىسى بىلەن كابۇل ئايرودرومىدىن ئامېرىكاغا قېچىپ كېلىشكە مۇۋەپپەق بولغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 8-ئايدا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خەت يېزىپ، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنى تالىبانلارنىڭ «خىتاي بىلەن مەخپىي كېلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قايتۇرۇپ بېرىشى» گە دائىر جىددىي ئەندىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن.
