ئافغانىستان ھەر قانداق كۈچنىڭ ئافغانىستاننى بازا قىلىپ، خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-05-20
Share

ئافغانىستان خىتاي بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ۋە ئۇنى قوللاۋاتقان گۇرۇھلارغا قارشى كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى، كونكرېت تەدبىر قوللىنىپ، ئافغانىستاندىكى خىتاي ئورگانلىرىنى ۋە پۇقرالىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى تەرەپ قوشما ئاخباراتى ئافغانىستان باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئابدۇللا ئابدۇللانىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئىمزالاندى. ئابدۇللا 15‏-مايدىن 18‏-مايغا قەدەر خىتاينى زىيارەت قىلغان. خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئابدۇللانى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالغان ئىدى.

ئىككى تەرەپ قوشما ئاخباراتىدا يەنە، «ئافغانىستان تەرەپ بىر خىتاي سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ. خىتاينىڭ تەيۋەن، تىبەت شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى پوزىتسىيەسىنى قوللايدۇ. ئافغانىستان ھەر قانداق كۈچنىڭ ئۆز تېررىتورىيەسىنى قوللىنىپ، خىتايغا قارشى بۆلگۈنچى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويمايدۇ» دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قوراللىق گۇرۇھىنىڭ ئافغانىستاندا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى بەزى ۋەقەلىرىنى شۇلارنىڭ پىلانلىغانلىقىنى قەيت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇنىڭغا ھېچقانداق دەلىل كۆرسىتىپ باقمىغان.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر، بۇ تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقى گۇمانلىق قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى تەرەپ قوشما ئاخباراتىدا يەنە، خىتاي ئافغانىستان تىنچلىق مۇساپىسىنى داۋاملىق قوللاشقا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە 500 مىليون يۈەن ھەقسىز ياردەم بېرىشكە، 50 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتىغا بىر بىنا سېلىپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت