خىتاي بىر يىلدىن بۇيان ئافغانىستاندا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.15

ئۆتكەن يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى تالىبان كۈچلىرى كابۇلغا كىرىپ ھۆكۈمەتنى ئىگىلىگەن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە دىپلوماتلىرىنى ئافغانىستاندىن جىددىي چېكىندۈرۈشكە باشلىغانىدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ بۇ دۆلەتتە  ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇ ھەقتە SupChina   تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە خېلى ئەتراپلىق تەھلىللەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بىر يىلدىن بۇيان ئافغانىستانغا كۆپلەپ ياردەم بېرىش ۋە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق بۇ دۆلەتتە ئۆزىنىڭ قانداقتۇر «شەرەپلىك» ئورنىنى تىكلەشكە، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى تەسىرىنى يوقىتىشقا، ئافغانىستاندا سودا قىلىشقا، ئافغانىستان تۇپرىقىدىكى قىممەتلىك تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە ئىكەن.  

تالىبان ھۆكۈمىتى گەرچە ئاتالمىش «ئۇيغۇر تېررورچىلار» نىڭ ئافغانىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ خىتايغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بۇنىڭدىن كۆپ بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ مۇقىم بولۇشىنى كۆزلىگەندىن باشقا، ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەت ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا «رادىكاللىقنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش» باھانىسىدە نورمال خەلقنى تۈرمە-لاگېرلارغا سولاپ قىيناۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن  تالىبان ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان رادىكال ئىسلام تۈزۈمىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستان ياكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى خەلقنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېتنىك ۋە دىنىي تۇيغۇدا ھېسداشلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقان بولۇپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە «ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى» ھەققىدە داۋاملىق تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.  خىتاي كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە «رادىكال ئىسلام» نىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن، خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ ئەۋج ئېلىشىدىن، «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنىڭ سۇغا چىلىشىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.