ئافغانىستاندا خىتايلار قاينايدىغان بىر مېھمانخانا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.12.12

ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىكى خىتاي تىجارەتچىلەر قاينايدىغان بىر مېھمانخانا 12-دېكابىر قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دوختۇرخانا دائىرىلىرى قوراللىق ھۇجۇمدا يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن 21 كىشىدىن ئۈچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان. كابۇلدا بىر ئىتالىيە ئاممىۋى تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بۇ دوختۇرخانىنىڭ تۋىتتېردا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، «21 نەپەر يارىدارنى كۈتۈۋالغانىدۇق، يارىدارلاردىن 3 نەپىرى كەلگەندە ئۆلۈپ بولغان» دەپ كۆرسىتىلگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە، مېھمانخانا نامەلۇم قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مېھانخانىنىڭ خىتاي تىجارەتچىلەر قاينايدىغان ئورۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.

تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى زەبىھۇللا مۇجاھىت، ئىككى چەتئەل پۇقراسىنىڭ دېرىزىدىن سەكرەپ قاچقاندا يارىلانغانلىقىنى ئېيتقان. ھالبۇكى، تالىبانلارنىڭ كابۇل ساقچى باشلىقىنىڭ باياناتچىسى خالىد زادران، ھۇجۇمنىڭ بىرقانچە سائەت داۋاملاشقانلىقى، نۆۋەتتە تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. قوراللىق ھۇجۇمنىڭ كىم تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە بۇ مېھانخانىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ تاللىشىدىكى مەقسىتى ھازىرغا قەدەر ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن كابۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ھۇجۇمنىڭ «ناچار ئېلېمېنتلار» تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ۋاتسئاپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى ئارقىلىق ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە «ئامانلىق كۈچلىرى نەق مەيداندا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ھۇجۇمچىلارنى تازىلىماقتىكەن».

تالىبانلار بۇ يىل يازدا كابۇلغا بېسىپ كىرىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، خىتاي تالىبانلارنى ئافغانىستاننىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى، دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تولۇق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان. بۇ جەرياندا تالىبانلار خىتايغا ھەرقانداق بىر كۈچنىڭ ئافغانىستاننى بازا قىلىپ، باشقا دۆلەتلىرىگە قارشى پائالىيەت قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.