ئافغانىستان - تاجىكىستان چېگرا رايونىدا يەر تەۋرەش يۈز بەردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-04-10
Share

ئافغانىستان بىلەن تاجىكىستان چېگرىلىنىدىغان ھىندىقۇش رايونىدا يەكشەنبە كۈنى قاتتىق يەر تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، تەۋرەش دەرىجىسى 6.6 بال بولغان.

ئەمما، يېڭى دېھلى تېلېۋىزىيەسىنىڭ تورىدىكى ئۇچۇردا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يەر تەۋرەشتە ئىككى ئادەم ئۆلگەن، 4 ئادەم يارىلانغان. تەۋرەش دەرىجىسى، 6.8 بال بولغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىقۇش رايونىدىكى بۇ يەر تەۋرەسۋھنىڭ سىلكىنىش كۈچى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن كابۇل، پاكىستاننىڭ ئىسلاماباد، لاھور ۋە ھىندىستاننىڭ دېھلى شەھەلىرىمۇ يەر تەۋرەشنى سەزگەن ۋە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن سىرتقا چىقىۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

ئافغانىستان - تاجىكىستان چېگرىسىدىكى بۇ رايوندا 2015 - يىلى 10 - ئايدا قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن. شۇ ۋاقىتتىكى تەۋرەش دەرىجىسى 7.6 بال دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن جاي تاغلىق رايون ھېسابلانغاچقا ئاھالە شالاڭ ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت