ئافغانىستاندىكى 7.1 بال قاتتىق يەر تەۋرەش خوتەنگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.04.11

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈنۈگۈن ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەش ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن رايونىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ئىكەن.

خىتاي دۆلەتلىك يەر تەۋرەش ئىستانسىسىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، ئافغانىستاندىكى يەر تەۋرەش 10-ئاپرېل سائەت 18 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن. يەرنىڭ تەۋرەش دەرىجىسى 7.1 بال، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 200 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئافغانىستاندا قاتتىق يەر تەۋرىگەن مەزگىلدە خوتەن شەھىرىدىمۇ تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلگەن. ئەمما ھازىرچە تېخى ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات يوق.

ئىگىلىنىشىچە، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترەتلىرىنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.