ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئۇيغۇر ئېلىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن
2015.10.28
دۈشەنبە كۈنى ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن 7.5 بال يەر تەۋرەش ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە ئاتۇش رايونلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن.
مەزكۇر رايونلاردىكى ئاھالىلەر شۇ كۈنى يېنىك دەرىجىدىكى تەۋرەشنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر يەرلىك كىشى شۇ جاي ۋاقتى 26-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن يەرنىڭ بىر سىلكىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكنى بىلدۈردى.
26-ئۆكتەبىر ئافغانىستاننىڭ تاشقورغان بىلەن چېگرىلىنىدىغان بەدەھشان ئۆلكىسى ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا 7.5 بال يەر تەۋرەپ، 385 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش پاكىستاندىمۇ ئوخشاش ۋاقتتا كۆرۈلگەن، يەر تەۋرەشتە 147 مەكتەپنى ئۆز ئىچىدە ئالغان 10 مىڭ ئېغىز ئۆي ئۆرۈلگەن. كەشمىردىمۇ 3 ئادەم ئۆلگەن.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرۈلگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكى مەلۇم.