خەلقئارا ئۆي ئىجارە شىركىتى ‏‏-Airbnb نىڭ خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ كەمسىتىلىشىگە يول قويماسلىقى تەلەپ قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى خەلقئارا ئۆي ئىجارە بېرىش شىركىتى ‏-ئائىربنب نىڭ خىتايدىكى ئۆي ئىجارە بەرگۈچى خېرىدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىشىگە يول قويماسلىقى، ئۇنىڭ دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ خىل قىلمىشنى تەنقىد قىلىشى تەلەپ قىلىندى. ئامېرىكادىكى «ۋايرىد» ناملىق ئاخبارات تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتايدىكى خېرىدارلىرىنىڭ ئۆي ئىجارە بېرىش ھەققىدىكى ئېلانلىرىدا ئۇيغۇر تىبەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئۆي ئىجارە بېرىشى رەت قىلىنىپ، بۇ مىللەتلەر ئاشكارا كەمسىتىلمەكتىكەن.

خەۋەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ساياھەت قىلىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقى، ساقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى ۋە كەڭ تارقالغان ئىرقچىلىق ئۇلارنىڭ مېھمان سارايلاردا يېتىشىنى چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە، چوڭچىڭدىكى ئىككى ئېغىزلىق بىنا ئۆيىنى ئىجارىگە چىقارغان بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ «ئۇيغۇر بولسىڭىز ئىجارىگە ئالماڭ، ساقچىخانا ئۇيغۇرغا ئۆي ئىجارە بېرىشىمىزغا رۇخسەت قىلمايدۇ» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن. چوڭچىڭدىكى يەنە بىر خىتاي ئىجارىكەشنىڭ ئېلانىدا بولسا «يەرلىك بەلگىلىمە سەۋەبلىك ئۆي تىبەت ۋە ئۇيغۇر مېھمانلارغا ئىجارىگە بېرىلمەيدۇ» دېيىلگەن. قەيت قىلىنىشىچە، ئۇلار ئۇيغۇرلارنى چەكلەيدىغان بۇنداق ئېلاندىن 35 نى تاپقان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، Airbnb شىركىتى ئۇلار بايقىغان بۇ ئېلانلارنىڭ يېرىمىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا پىكىر بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان. خەۋەردە يەنە، بۇ خىل كەمسىتىش قىلمىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىقى، بۇ شىركەتنىڭ بايقۇت قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ، «ئۇلار خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى يۈز بېرىۋاتقان ئىرقچىلىق ۋە كەمسىتىش قىلمىشلىرىغا ھەسسە قوشماسلىقى كېرەك» دېگەن. ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس جېيمىس لېيبولد ئائىربنب نىڭ بۇ خىل ئوچۇق-ئاشكارا كەمسىتىشنى دەرھال تەنقىد قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇنىڭ نامى ۋە تورىنى قوللىنىپ، باشقىلارنى كەمسىتىشكە ئۇرۇنغان ھەرقانداق ئېلاننى ئۆچۈرۈپ تاشلىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت