تونۇلغان ئۆكتىچى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېي ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى «21-ئەسىردىكى قورقۇنچلۇق بىر ھادىسە» دېدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.01.10

خىتايدىن سۈرگۈن قىلىنغان تونۇلغان ئۆكتىچى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېي ئامېرىكا س ن ن تېلىۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ئۈستىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا چوڭ بولغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا كىشىلەرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا كومپارتىيەنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇنى «بۇ 21-ئەسىردە يۈز بېرىۋاتقان قورقۇنچلۇق بىر ھادىسە» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ سۆزى داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تا 1949-يىلىدىن تارتىپلا ئۇيغۇر ئېلىدا مۇشۇ تۈردىكى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مۇشۇنداق ئىدىيە ئۆزگەرتىش ياكى قايتا تەربىيە سىياسىتىنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى، دادىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 20 يىل ئۇيغۇر ئېلىگە پالىنىپ، ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى بايان قىلغان. 

ئەي ۋېيۋېي خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇنداق ئىدىيە ئۆزگەرتىش سىياسەتلىرىنى چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

ئەي ۋېيۋېي ئاتاقلىق مودېرنىزم سەنئەتكارى. ئۇ «چاڭگا» ناملىق 2008‏-بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقە مەيدانىنىڭ سەنئەت لايىھەلىگۈچىسى ئىدى. بىراق ئەي ۋېيۋېي خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەنقىدلىگەچكە 2011‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، 81 كۈن سولاپ قويۇلغان ۋە كېيىن چەتئەللەرگە سۈرگۈن قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.