ئالاتاۋ ئېغىزىدىن خام نېفىت توشۇيدىغان مەخسۇس تۆمۈريول لىنىيەسى ئېچىلغان

«خەلق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى خام نېفىتكە بولغان كۈچلۈك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قازاقىستان قاتارلىق ئورتا ئاسىيا ئەللىرىدىن ئىمپورت قىلىدىغان نېفىت مىقدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرغانلىقى مەلۇم.

ئىگىلىنىشىچە، مايتاغ نېفىت - خىمىيە زاۋۇتىنىڭ خام نېفىت ئىسكىلاتىدىن ئالاتاۋ ئېغىزىغا بىۋاسىتە تۇتۇشىدىغان بىر مەخسۇس تۆمۈريول لىنىيەسى 30 - ئىيۇل كۈنى ئېچىلغان. قازاقىستاندىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان خام نېفىت بۇندىن كېيىن مەزكۇر تۆمۈريول لىنىيەسى ئارقىلىق بىۋاسىتە توشۇلىدىكەن.

ئىلگىرى قازاقىستاننىڭ نېفىتى ئالاتاۋ ئېغىزىغا توشۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، باكقا قاچىلىپ تاشيول ئارقىلىق مايتاغ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئېلىپ كېلىنگەن ئىكەن. نۆۋەتتە نېفىت توشۇيدىغان مەخسۇس لىنىيەنىڭ ئالاتاۋ ئېغىزىغا تۇتاشتۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئورتا ئاسىيادىن ئىمپورت قىلىدىغان خام نېفىت مىقدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدىكەن.

ۋال سترېت ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ 7 - ئايدىكى خام نېفىت ئىمپورتى كۆپەيگەن. خۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ 8 - ئاۋغۇست ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي 7 - ئايدا 31 مىليون توننا نېفىت ئىمپورت قىلغان بولۇپ، كۈنىگە تەخمىنەن يەتتە مىليون 350 مىڭ باكتىن توغرا كەلگەن. بۇنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %12 ئاشقان.

كۆزەتكۈچىلەر، 5 - ئاۋغۇست كۈنى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۈرۈمچىدە خىتاي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى جاڭ جيەنخۋانى كۈتىۋېلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن ئۇنىڭغا قوشنا ئورتا ئاسىيا ئەللىرىدىكى نېفىت بايلىقىغا بولغان جىددىي ئېھتىياجى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ ھېسابلىماقتا.