يۇرتىغا قايتقان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.08.01

«يۇرتىغا قايتقان تۈمەنمىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ سەييارە نوتۇق سۆزلەش پائالىيىتى» دەپ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن نام بېرىلگەن، يازلىق تەتىل قىلىش ئۈچۈن ئۆيلىرىگە قايتىپ كەلگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەرقايسى يېزا - بازار، مەيدان ۋە كوچا باشقارمىلىرىدا نۇتۇق سۆزلەشكە تەشكىللەش پائالىيىتى 20 كۈندىن بۇيان ھەر قايسى جايلاردا داۋاملاشماقتا.

خەلق تورىنىڭ 30 - ئىيۇل كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر پروگرامما بويىچە ئاقسۇ مائارىپ كومىتېتى ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا - بازار، مەيدان ۋە كوچا باشقارمىلىرىدا، 10 - ئىيۇلدىن باشلاپ بۇ خىل پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

«جۇڭگو تورى»نىڭ 16 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىمۇ بۇ پائالىيەت كۈچەيتىلگەن بولۇپ، ھەر قايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ھەر جايلاردىكى ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ۋە ئىپادىسى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش، تىزىملاش ھەم بۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئىشلىرى ئېلىپ بارغان. دائىرىلەر، مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي تىلى بىلىش، شۇ جاينىڭ ئەھۋالىنى بىلىش، ئاممىنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇش بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى يېزا،مەھەللىلەردىكى ئاممىغا نۇتۇق سۆزلەشكە تەشكىللەش خىزمىتى ئېلىپ بارغان ئىدى.

خەلق تورىنىڭ خەۋرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇدىكى ئائىلىسىگە قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى سەييارە نوتۇق سۆزلەشكە تەشكىللەش پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە دۆلەتنىڭ «شىنجاڭنى يۆلەش سىياسىتىنى، پارتىيىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە دۆلەتنىڭ قوللىشىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش»ئارقىلىق ۋەتەن بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.