ئۇيغۇر بوكس ماھىرى ئالىم ھوشۇر خەلقئارا كەسپىي بوكس مۇسابىقىسىدە ھېندونېزىيە ماھىرىنى يەڭگەن

يېقىندىن بۇيان نامى چىقىشقا باشلىغان ئۇيغۇر بوكس ماھىرى ئالىم ھوشۇرنىڭ 17-دېكابىر كۈنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كەسپىي بوكس مۇسابىقىسىدە ھىندونېزىيەلىك بوكس چىمپىيونى گېيسلېرنى يېڭىپ چىمپىيون بولغانلىقى مەلۇم.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا بوكس مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولۇپ ئالتۇن كەمەر تاقىغان ئالىم ھوشۇر بۇ نۆۋەت شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا بوكس مۇسابىقىسىدە يەنە بىر قېتىم ئۇتۇپ چىققان. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئۆزىدىن ھەر جەھەتتە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان ھىندونېزىيەلىك بوكس چىمپىيونى گېيسلېر بىلەن تۇتۇشۇپ، ئاخىرىدا ئۇنى يېڭىشى پۈتكۈل مەيداننى زىل-زىلىگە كەلتۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھىندونېزىيە ماھىرى گېيسلېرنىڭ دەرىجىسى دۇنيادىكى تۆت چوڭ بوكس تەشكىلاتى تۇرغۇزغان رەت تەرتىپتە 165-ئورۇندا تۇرسا، ئۇيغۇر بوكس ماھىرى ئالىم ھوشۇر ئاران 520-ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئۇندىن باشقا، ھىندونېزىيە ماھىرى گېيسلېرنىڭ بويى ئېگىز، يېشى ئالىم ھوشۇرنىڭكىدىن 15 ياش چوڭ، بوكس تارىخى تېخىمۇ ئۇزۇن ئىكەن. رەقىبىنىڭ بۇ قەدەر ئەۋزەللىكلىرىدىن تەمتىرەپ قالمىغان ئالىم ھوشۇر مۇسابىقىدە شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ، تېخى 3-مەيدان ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا گېيسلېرنى ئۇرۇپ يىقىتقان.

ئۇيغۇر بوكس ماھىرى ئالىم ھوشۇرنىڭ بۇ قېتىملىق غەلىبىسى خىتاي تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇرغان بولسا، خىتايدىكى تور بەتلىرىدە «ئالىم ھوشۇر جۇڭگو بوكس تەنتەربىيەسىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى شىنجاڭدا» دېگەن قاراشنى يەنىمۇ كۈچكە ئىگە قىلدى، دەپ يازغان.