ئالىمجان باۋدىنوفنىڭ «سەن نەدە بەخت»ماۋزۇلۇق ئەسەرلەر توپلىمى نەشىر قىلىندى
2016.04.03
مۇھاجىرەتتىكى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مول ھوسۇللۇق ئەدىبلىرىدىن بىرى ئالىمجان باۋدىنوفنىڭ 2013 - يىلى ئالماتادىكى مىر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئۆتنە ئالەم» رومانىدىن كېيىنكى يەنە بىر چوڭ ھەجىملىك كىتابى، يەنى ئاپتورنىڭ ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى ئالماتادا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان.
ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە مول ھوسۇللۇق يازغۇچىنىڭ «سەن نەدە بەخت» ماۋزۇلۇق پوۋېستلار ۋە ھېكايىلەر توپلىمىغا ئۇنىڭ 1980 - يىللاردىن بۇيان ئېلان قىلىپ، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى تەسىراتلارنى پەيدا قىلغان بىر قىسىم پوۋېستلىرى ۋە ھېكايىلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. ئاپتورنىڭ 1980 - يىللار، يەنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە يېزىلغان بۇ ئەسەرلىرىدە ئوخشاشلا شۇ دەۋر ھاياتىنىڭ رېئال ۋەقەلەرى، كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، سۆيگۈ - مۇھەببەت ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلەر يورۇتۇلغانلىقى ئۈچۈن يەنلا ئوز قىممىتىنى يوقاتمىغان.
قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولغان يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئالىمجان باۋۇدىنوف ئىلى دىيارىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1962 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كۆچ - كۆچتە ئاتا - ئانىسى بىلەن ئىلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، شۇ يەردە ئوقۇپ ئالى مائارىپ تەربىيەسى ئالغاندىن كېيىن كوپ يىللار ئالماتادا چىقىدىغان «يېڭى ھايات» گېزىتى ۋە باشقا نەشرىيات - مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلغان ئىدى.
ئالىمجان باۋدىنوف 1950 - 1962 - يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ بېرىپ شۇ يەردە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات مەنزىرىسىنى ياراتقان زىيا سەمىدى، مەسۈمجان زۇلپىقاروف، دولقۇن ياسىن ۋە باشقا نەچچە ئونلىغان ئاتاقلىق ئەدىبلەرنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۈگۈنكى دەۋر قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ بىرى سۇپىتىدە تونۇلغان.









