خىتاي تەرەپ ئالما شىركىتىنىڭ بىۋاسىتە ھۆججەت يوللاش (AirDrop) ئىقتىدارىنى ئىشلەتكۈچىلەرنى تەكشۈرۈپ تاپالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.01.10

«بلومبېرگ تورى» تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى قانىلىنىڭ 9-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن بىر ئۇچۇر تەتقىقات ئورگىنى ئالما شىركىتىنىڭ بىۋاسىتە ھۆججەت يوللاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بىر نەرسە يوللىغانلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدىغان ئۇسۇلنى تاپقانلىقىنى، سەزگۈر مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى يوللىغۇچىلارغا قارشى زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

بېيجىڭ ئەدلىيە ئىدارىسى تور بېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر تەتقىقات ئورگىنى ئالما تېلېفونىنىڭ شىفىرلاشتۇرۇش خاتىرىسىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئېچىۋېتىدىغان ئۇسۇلنى تاپقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئالما تېلېفونىنىڭ بىۋاسىتە ھۆججەت يوللاش ئىقتىدارىدىن تەڭ پايدىلانغانلارنىڭ، بولۇپمۇ ھۆججەت يوللىغانلارنىڭ تېلېفون نومۇرى بىلەن ئېلخەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تاپالايدىكەن. مەزكۇر ئورگاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق نۇرغۇن گۇماندارلارنى تېپىپ چىققان، ئەمما ئۇلارنى تۇتقان-تۇتمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تەرەپنىڭ بۇنى ئېلان قىلىشى، ئالما تېلېفونىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەرمۇ ئالما تېلېفونىنىڭ كۆك چىش ئارقىلىق بىۋاسىتە ئۇچۇر ۋە ھۆججەت يوللاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىدىغان بولۇپ، 2019-يىل خوڭكوڭ نامايىشچىلىرى ئالما تېلېفونى ئارقىلىق خىتايغا قارشى شوئارلارنى ھەمبەھىرلىگەن.

خىتاي بۇ «تېخنىكىلىق بۆسۈش» نى «ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلارنى يوقىتىش» ئۈچۈن قوللىنىلغان تەدبىر دەپ چۈشەندۈرگەن؛ لېكىن بۇنىڭ تەسىرىدە، ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تىجارىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق ئىكەن. نۆۋەتتە، ئالما شىركىتى بۇ ھەقتە تېخى ئىنكار قايتۇرمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.