ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىن كۆچۈپ چىقىشتا مۇرەككەپ ھەم مەخپىي پىلان تۈزگەن
ئامېرىكانىڭ ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىشىنى باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەشتە مۇرەككەپ ھەم مەخپىي پىلان تۈزۈپ، ئېھتىيات بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
-
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023-04-07 -
-
-
ئامېرىكانىڭ ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىشىنى باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەشتە مۇرەككەپ ھەم مەخپىي پىلان تۈزۈپ، ئېھتىيات بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. «بلۇمېرگ ئاگېنتلىقى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى تىم كۇك ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، ئىنچىكە دىپلوماتىك ئالاقىلەرە بولغان ۋە خىتاي بىلەن ئالما شىركىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى «ھەر ئىككىمىز ياقتۇرغان بىللە تۇرىدىغان ئالاقە» دەپ تەرىپلەپ، بېيجىڭدا كەيپىياتنى يۇمشىتىشقا تىرىشسىمۇ، لېكىن ئالما شىركىتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشماقتا ئىكەن.
«بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى»، بۇ خەۋەرنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ ھەرىكىتىدىن خەۋەردار ئىسمنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر قانچە كىشى تەرىپىدىن قەيت قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش پىلانى سابىق پرېزىدېنت ترامپ دەۋرىدە جىددىيلىشىپ، كوۋىد-19 ۋىرۇسى تارقالغاندا تېخىمۇ كۈچەيگەن. خەۋەردە، ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇراشتۇرۇشنى ھىندىستان، ۋىيېتنام، مالايشىيادا، بەزى مەھسۇلاتلىرىنى ئېرلاندىيەدە ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
«بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئالما شىركىتى مەشغۇلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرىغا 2024-يىلى يېڭى زاپچاسلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش لىنىيەسى ئېچىشتا خىتاينىڭ سىرتىدىكى رايونلارغا مەركەزلىشىشى توغرىلىق بۇيرۇق بەرگەن. خەۋەردە يەنە تىم كۇكنىڭ بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئالما شىركىتىنىڭ «يولۋاس ئەترىتى» ناملىق بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئاجىزلىقلارنى ھەل قىلىشقا بەلگىلەنگەنلىكىى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شۇنداقتىمۇ ئالما شىركىتى ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، شىركەت رەھبەرلىرى ئەگەر ئىشلەپچىقىرىشىنى باشقا دۆلەتلەرگە بەك تېز ۋە بەك كۆپ يۆتكىۋەتسە، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.