ئالما شىركىتى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بەلگىلىك ساھەدە ئايرىلىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ قېتىم ئالما شىركىتى، دىسسىنىي شىركىتى قاتارلىق داڭلىق شىركەت مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەرنىڭ بىرى مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ خىتايدىن ئايرىلىش مەسىلىسى بولغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ قېتىم ئالما شىركىتى، دىسسىنىي شىركىتى قاتارلىق داڭلىق شىركەت مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەرنىڭ بىرى مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ خىتايدىن ئايرىلىش مەسىلىسى بولغان. ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتايدىن ئايرىلماقچى بولسا، ھەممە ساھەدە ئەمەس، نۇقتىلىق ساھەدە ۋە چوڭ شىركەتلەرنى ئاساس قىلغان شەكىلدە ئايرىلىش مۇھاكىمە قىلىنغان.

«بلومبېرگ» تورى يېقىندا بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، ئالما شىركىتى بىلەن دسسىنىي شىركىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گالىگېر كالىفورنىيەدە ئالما ۋە دېسسنىي شىركىتى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «ئالما شىركىتى بۇ بىر مەيدان رىقابەتنىڭ قاينام مەركىزىدە تۇرۇۋاتىدۇ. خىتايدا نۇرغۇن سودىسى بولغان بۇنداق شىركەت ھامان بىر كۈنى خىتايدىن بەلگىلىك ساھەدە ئايرىلىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىدۇ».

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى كالىفورنىيەدە ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە، شىركەت مەسئۇللىرى قايسى ساھەلەردە خىتايدىن ئايرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئېنىق چەك-چېگرا بەلگىلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مايك گالىگېر بۇنىڭغا جاۋابەن سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى، كۇۋانتۇملۇق ھېسابلاش تېخنىكىسى، بىئولوگىيە تېخنىكىسى، ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى قاتارلىقلارغا مەبلەغ سالماسلىق كېرەكلىكىنى، چۈنكى خىتاينىڭ بۇنى ھەربىي قوراللارغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بۇ قېتىم يەنە ھوللىۋود مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا كىنولىرىنى تەكشۈرۈش ۋە خىتايغا پايدىلىق مەزمۇنلارنى تاللاش قىلمىشلىرى ئۈستىدىكى ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرگەن.

مايك گالىگېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىپ قالسا، ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتايدىن بەلگىلىك ساھەدە ئەمەس، پۈتكۈل ساھەدە ئايرىلىدىكەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org