ئالما شىركىتىگە زاپچاس ئىشلەپچىقىرىدىغان خىتايدىكى 7 كارخانا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئ‍ىشلەتكەن

خىتايدىكى ئامېرىكانىڭ ئالما شىركىتىگە زاپچاس ئىشلەپچىقىرىدىغان 7 كارخانىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.

خىتايدىكى ئامېرىكانىڭ ئالما شىركىتىگە زاپچاس ئىشلەپچىقىرىدىغان 7 كارخانىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. ئامېرىكادىكى «ئۇچۇر» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ئۇچۇر ئورگىنى ئىككى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئالما شىركىتىنى زاپچاس ھەم مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان خىتايدىكى 7 كارخانىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.

بۇ كارخانىلارنىڭ ئالتىسى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان ئەمگەك پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقىنى ئېيتقان. دوكلاتتا، ئەمگەك پروگراممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقى، ئۇنىڭغا قاتناشقانلارنىڭ ئ‍ۆيىدىن يىراق جايلارغا يۆتكەپ ئىشلىتىلىدىغانلىقى، قاتنىشىشنى رەت قىلغانلارنىڭ تۈرمىگە ئېلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. «ئۇچۇر» تورىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئ‍الما شىركىتى زاپچاس بىلەن تەمىنلەيدىغان كارخانىلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئېلىغا جايلاشقانىكەن.

دوكلاتتا، بۇ كارخانىلارنىڭ ئ‍الما شىركىتىنى ئانتېننا، كابېل، قاپ ۋە باشقا مەھسۇلات ھەم مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، لېكىن بۇنىڭ يالغۇز ئ‍الما شىركىتى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى، بۇ كارخانىلارنىڭ يەنە مىكروسوفت، ئامازون، فېيسىبۇك، گۇگىل قاتارلىق شىركەتلەرگىمۇ مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئىلگىرى «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى ئ‍الما شىركىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» گە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org