ئامېرىكا ھۆكۈمتى «ئالما» شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-06-08
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى تۈپەيلىدىن بۇ رايوندىكى كۆپلىگەن تەمىنات زەنجىرى ھەمدە بۇنىڭغا چېتىشلىق غەرپ شىركەتلىرى تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئالغان ئىدى. 8-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن جېف مېركلېي ۋە جېيمىس مەكگاۋرېن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، «ئالما» شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«ئالما» شىركىتىگە ئەۋەتىلگەن بۇ باياناتتا ئۇلار شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كوكقا بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئ‍ۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن. شۇنداقلا «ئالما» شىركىتىنىڭ «خىتايدىكى تەمىنات زەنجىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق» دېگەن باياناتىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا بۇ ھەقتە ئېنىق قىلىپ: «قولىمىزدىكى ئىسپاتلار شىركىتىڭلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى خىتاي تەمىناتچىلىرىڭلارنى بىكار قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز» دېيىلگەن. شۇنداقلا «ئالما» شىركىتىنى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىيە ئىدارىسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ تور بېتىدە 8-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ئاۋازغا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» بۇ خىلدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى مەنئىي قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت