خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولغان ھەمدە خەلقئارادا بۇنىڭغا قارشى كۈچلۈك تەنقىد سادالىرى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بىر قىسىم خەلقئارالىق شىركەتلەر كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارنى نەزەرگە ئالغان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە باشلىغان. يېقىندا دۇنياۋى شىركەتلەردىن بولغان «ئالما» (Apple) شىركىتىنىڭ بۇ سەپكە قوشۇلۇۋاتقانلىقى ھەر ساھەنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
«ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىنىڭ 24-ئۆكتەبىردىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە «ئالما» شىركىتى ھىندىستاندا كۆپلەپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى قۇرۇپ بولغان. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا «ئالما» شىركىتىنىڭ تېلېفون، كومپيۇتېر ۋە باشقا مەھسۇلاتلىرىغا «كالىفورنىيەدە لايىھىلەنگەن، خىتايدا قۇراشتۇرۇلغان» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان بولۇپ، بۇ ھال مەزكۇر شىركەتنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەك مەھسۇلاتىنىڭ خىتايدا قۇراشتۇرۇپ چىقىلىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردە خىتايدىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ ئاپەتلىرى، قامال تۈپەيلىدىن ھەرقايسى زاۋۇتلار ۋە بازارلارنىڭ تاقىلىشى، يەنە كېلىپ خىتايغا مەبلەغ سېلىشنىڭ بىر قاتار سىياسىي جۇغراپىيەلىك ھادىسىلەرگە بېرىپ چېتىلىدىغانلىقى تۈپەيلىدىن «ئالما» شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ھىندىستانغا كۆچۈرۈشنى باشلىغان.
«ئالما» شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلداردى تىم كۇك (Tim Cook) ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن «قويۇق دوستانە» ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن بولۇپ، خىتايدىكى «ئالما» مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرۈشىگە يول قويۇش، خىتاي تەلەپ قىلغان ئەپلەرنى خىتايدىكى ئەپ ماگىزىنىدىن ئۆچۈرۈۋېتىش دېگەنلەرگە ماقۇل بولغان. شۇنداقلا شىركەت مەھسۇلاتلىرىغا دائىر مەسىلىلەر ئۈچۈن يىلدا نەچچە قېتىم خىتايغا بېرىشنى داۋام قىلىپ كەلگەن. ئەمما 2019-يىلىدىن بۇيان تىم كۇك بىر قېتىممۇ خىتايغا بارمىغان.
ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، «ئالما» شىركىتى يان كومپيۇتېرلىرىنى 2023-يىلىدىن باشلاپ ۋېيتنامدا ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايدىغان بولۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ تىڭشىغۇچلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ۋېيتنامدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەنمەكتىكەن. ئۇلارنىڭ مەھسۇلات سىستېمىسى خىتايدىن كۆچۈشنى باشلىغان بولغاچقا نۆۋەتتە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەمىنلەش زەنجىرىمۇ ماس قەدەمدە خىتايدىن كۆچمەكتىكەن. ناۋادا بۇ يۈزلىنىش تولۇق ئەمەلگە ئاشسا ئۇ چاغدا بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن زور ئىقتىسادىي يوقىتىش بولىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
