ئالتاي تاموژنىسى جېمىنەي چېگرا ئۆتكىلىدە زور مىقداردىكى ئەتكەس ئالتۇنلارنى قولغا چۈشۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-06-09
Share

ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا تەۋە ئالتاي تاموژنىسى ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن قازاقىستان چېگرىسىدىكى جېمىنەي چېگرا ئېغىزىدا زور مىقداردىكى ئەتكەس ئالتۇنلارنى قولغا چۈشۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قولغا چۈشۈرۈلگەن ئەتكەس ئالتۇننىڭ مىقدارى 6 مىڭ 350 گرام بولۇپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا ئۇنىڭ قىممىتى بىر مىليون 460 مىڭ سومغا توغرا كېلىدىكەن.

خەۋەردە مەزكۇر ئەتكەس ئالتۇنلارنى يۆتكىگەن گۇماندارنىڭ كىملىكى ۋە دۆلەت تەۋەلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ئالتۇنلارنىڭ خەلقئارالىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسى جېمىنەي چېگرا ئېغىزىنىڭ ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلىگە كىرگەندە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئېيتىلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاموژنا خادىملىرى 4 - ئىيۇن كۈنى يۇقىرى تېخنىكىلىق ھ986 تىپلىق تېز سۈئەرتتە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئاپتوبۇسنى تەكشۈرۈپ، ئاپتوبۇستا غەيرى نەرسە بارلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئاپتوبۇسنى ئاختۇرۇپ، سەككىز دانە ئالتۇنغا ئوخشاش مېتالنى قولغا چۈشۈرگەن، ئاپتونوم رايونلۇق كان مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئورگىنىنىڭ ئېنىقلىشى نەتىجىسىدە مەزكۇر مېتاللارنىڭ ئالتۇن مىقدارىنىڭ 90% تىن يۇقىرى ساپ ئالتۇن ئىكەنلىكىنى بېكىتىلگەن.

بۇ، ئۈرۈمچى تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە پاش قىلغان ئەڭ زور ئالتۇن ئەتكەسچىلىك ۋەقەسى ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن 15 قۇرۇقلۇق چېگرا ئۆتكىلى، ئىككى ھاۋا يولى چېگرا ئۆتكىلى بار بولۇپ، نۆۋەتتە مەزكۇر چېگرا ئۆتكەللىرىدىكى بىخەتەرلىك ۋە تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۈچەيتىلگەنلىكى مەلۇم.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئەنە شۇنداق بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ يىل «دۆلەت دەرۋازىدىكى شەمشەر - 2016 - يىلى» ناملىق مەخسۇس بىرلەشمە ھەرىكەت باشلىغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت