ئالتاي كۆكتوقاي ناھىيەسىدە تېمپېراتورا تۆۋەنلەپ، 64 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن
2024.02.19
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 19-فېۋرال كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالتاينىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسىدە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 52.3 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەن بولۇپ، 1960-يىلدا كۆرۈلگەن نۆلدىن تۆۋەن 51.5 گىرادۇستىنمۇ ئېشىپ، تارىخىي رېكورت ياراتقان.
خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدىن كېيىنلا ئالتاي قاتارلىق جايلاردا سوغۇق مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيگەن بولۇپ، قار-شىۋىرغان ۋە قار-مۇز ئاپىتى سەۋەبىدىن تاشيول ۋە تۆمۈر يولدا قاتناش توختاپ كەتكەن؛ يولۇچىلار ۋە ساياھەتچىلەر بۇ يوللاردا قاپسىلىپ قالغان.
خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر نەچچە كۈن داۋاملاشقان قەھرىتان سوغۇق ۋە قار يېغىش تۈپەيلىدىن ئالتاي ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى 853 كىلومېتىرلىق يول توسۇلۇپ قالغان. ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، بۇ كۈچلۈك سوغۇق ۋە قار-شىۋىرغاندىن يەرلىك ئاھالىنىڭ بىرەر ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.