ئۇيغۇر ۋە قازاقلار خىتاينىڭ مەملىكەتلىك چېلىش مۇسابىقىسىدا 5 ئالتۇن مېدال ئالدى

ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ خەينەن ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي مەملىكەتلىك ياشلار چېلىش مۇسابىقىسىدا ئۇيغۇر ۋە قازاق چېلىشچىلار 5 ئالتۇن مېدال، 2 مىس مېدال ئالغان.

خىتاينىڭ 2018‏-يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار چېلىش مۇسابىقىسى 6‏-ئىيۇل باشلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىن 9 نەپەر ماھىر قاتناشقان ئىدى. يۇقىرىقى ماھىرلار ئۇيغۇر جەمىيىتى قاتتىق قامال ئاستىغا ئېلىنىپ، ئاز دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشتەك بىر ۋەھىمىنىڭ بېسىمى ئاستىدا يۇقىرىقى نەتىجىگە ئېرىشكەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىدىيەسى خاتا» دەپ قارالغان يازغۇچى، سەنئەتچى، تىجارەتچى، دىنىي ئۆلىما، زىيالىي ۋە جامائەت ئەربابلىرىنى ياكى چەتئەلگە چىققان ئادەتتىكى پۇقرالارنى بۇ لاگېرلارغا قاماپ، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، تارىخىي، مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە، ئۇنى «قالاق» دەپ ئەيىبلەشكە مەجبۇرلىماقتىكەن.

دائىرىلەر بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئاتاقلىق ئۇيغۇر پۇتبول چولپىنى ئىرفان ھېزىمنى تۇتقۇن قىلىپ، دۆربىلجىندىكى بىر يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامىغان. بۇ خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغاپ، خەلقئارا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلغان. ئۇلار باياناتىدا، ئىرفان ھېزىمنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەينەندە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى چېلىش مۇسابىقىسىگە پۈتۈنلەي 23 ياشتىن تۆۋەن ياشلار قاتناشقان. مۇسابىقىدە سەلتەنەت ئېرىنبېك قىزلارنىڭ 60 كىلوگراملىقلار، جەڭەر نۇرلان ئەرلەرنىڭ 67 كىلوگراملىقلار، سۇلايمان غوپۇر 77 كىلوگراملىقلار جادىق جۇنۇس 97 كىلوگراملىقلار ۋە ئابدۇسەمەت ھېكىم 87 كىلوگىراملىقلار بويىچە رەقىپلىرىنى يېڭىپ، ئالتۇن مېدال ئالغان. مۇسابىقىنىڭ 72 كىلوگىراملىقلار ۋە 130 كىلوگراملىق تۈرىدە شىرەلى تۇرسۇن ۋە قاۋسار تۆلەۋقان مىس مېدال ئالغان.

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېلىشچىلار ئەترىتىنىڭ ترېنىرى ئالىم كىرەم خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىغا قىلغان سۈزىدە چېلىشچىلارنىڭ نەتىجىسىنى مۇئايەنلەشتۈرىپ، «بىزنىڭ چېلىشچىلىرىمىز بۇرۇنقى مۇسابىقىلەردىكى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئۆزلىرىنىڭ تېخنىكىسىنى مۇۋاپىق تەرتىپكە سالدى. مەشق جەريانىدا مۇداپىئەگە تاقابل تۇرۇش جەھەتتىكى مەشقنى كۈچەيتكەن ئىدۇق» دېگەن.