ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ 43 نەپەر ئەزاسى 8-مارت كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن بىلەن ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس گرېنفىلد خانىمغا ئىمزالىق مەكتۇپ يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن خىتاي تۈرمىسىدىكى گۈلشەن ئابباس، كامىلە ۋاھىت، قۇربان مامۇت، ئەخمەتجان جۈمە قاتارلىق تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتايغا ئاشكارا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەكتۇپتا، «بىز مىنىستىرلىقىڭلارنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ۋەكىللىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىتايدا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئاكتىپ پائالىيەت قىلىشىنى كۈچلۈك رەۋىشتە ئۈندەيمىز، بولۇپمۇ سىلەردىن ئامېرىكا پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرىنى قويۇپ بېرىشكە ئاشكارا چاقىرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلگەن.
مەكتۇپتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھەق تۇتقۇن قىلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان دوختۇر گۈلشەن ئابباس، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى كامىلە ۋاھىت، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، ئاتاقلىق ژۇرنالىست قۇربان مامۇت، تەتقىقاتچى، شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان ئەخمەتجان جۈمە قاتارلىقلار ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «ھېچقانداق بىر ئامېرىكا پۇقراسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ قۇربانى بولماسلىقى كېرەك. بىز سىزنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قىممەت ئۆلچىمىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. بىز سىزنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىڭىزنى قوللايمىز. شۇنىڭدەك بىز سىزنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان شەخسلەرنى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىمىز. »
مەكتۇپتا قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكانىڭ بۇ يىل 1-ئايدىكى ب د ت نىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك باھالاش يىغىنىدا، «شىنجاڭ، تىبەت، خوڭكوڭدىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى» دىن، شۇنداقلا «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى تەنقىد قىلىشىدىن مىننەتدار بولغان.
