ئامېرىكا ئالىي سوتى ترامپنىڭ تىكتوكنى قوغداپ قېلىش تەلىپىنى رەت قىلىشى مۇمكىنلىكىدىن سىگنال بەرگەن
2025.01.13
ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى-تىكتوكنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇننى قوللاپ، كېلەر ھەپتە قەسەم بېرىپ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرىدىغان دونالد ترامپنىڭ، تىكتوكنى چەكلىمەسلىك تەلىپىنى رەت قىلىشى مۇمكىنلىكىدىن سىگنال بەرگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى ماقۇللىغان قانۇنغا ئاساسەن، ئەگەر خىتاينىڭ بايتې دەنس شىركىتى (زىجيې تياۋدۇڭ) بۇ يىل 19-يانۋارغىچە تىكتوكنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ساتمىسا، ئۇنىڭ ئامېرىكادا مەشغۇلات قىلىشى چەكلىنىدۇ. «بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئالىي سوتىدىكى كۆپ قىسىم سوتچىلار تىكتوك توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشتا تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى شىركەت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرىنىڭ سۆز ئەركىنلىك مەنپەئەتىنى بېسىپ چۈشكەنلىكىنى ئېيتقان. خەۋەردە، بىر قانچە سوتچىنىڭ بۇ ئەرزدە سۆز ئەركىنلىكىگە ئەمەس، بەلكى تىكتوكنىڭ ئىگىسى بولغان بايتې دەنس شىركىتىگە مەركەزلەشكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
ئالىي سوتنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا، باش سوتچى جون روبېتس تىكتوكنىڭ ئادۋوكاتىدىن: «بىزنىڭ باش شىركەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىىستىخبارات توپلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىدەك ئەمەلىيەتنى كۆرمەسكە سېلىشىمىز كېرەكمۇ؟» دەپ سورىغان. «بلۇمبېرگ» نىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئالىي سوت ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قانۇنىنى قوللاپ قارار چىقارسا، بۇ ئامېرىكادا 170 مىليون ئابۇنتى بولغان تىكتوك ئۈچۈن چوڭ داۋالغۇش بولىدىكەن. بايتې دەنس ھازىرغا قەدەر تىكتوكنى سېتىشنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، ئەمما چەكلەش ۋاقتى يېقىنلاشقانسېرى، ئۇنىڭ قارارىنى قايتا ئويلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
بايدېن ھۆكۈمىتى تىكتوكنى چەكلەش قانۇنىنى قوللاپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىر زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلدى. بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ تىكتوكنى كونترول قىلىشى ئۇنىڭ ئۆز تەشۋىقاتىنى تارقىتىشىغا، مەزكۇر سۇپىنى مەخپىي مونوپول قىلىپ، ئامېرىكالىقلارنىڭ شەخسى سانلىق مەلۇماتىنى يىغىشى ۋە جاسۇسلۇق قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىكەن. «بلۇمبېرگ» نىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىكى سوتتا سوتچى برېت كاۋاناۋ مۇنداق دېگەن: «پەقەت سانلىق مەلۇمات توپلاشنىڭ ئۆزىلا، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ ئەندىشىدەك كۆرۈنمەكتە.»