ئامېرىكانىڭ ئاركانزاس شىتاتى خىتاي شىركىتىنى بۇ شىتاتتىن ئالغان يەرنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.10.18

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئاركانزاس شىتاتىنىڭ باشلىقى ساراھ ساندېرس (Sarah Sanders) 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر شىتاتتىن 160 ئاكر (ئىنگلىز موسى) يەر سېتىۋالغان شيەنجېڭدا (Syginta) شىركىتىنى بۇ يەردىن ۋاز كېچىشكە بۇيرۇغان. شيەنجېڭدا شىركىتى خىتاي خىمىيە سانائىتى شىركىتى (ChemChina) گە تەۋە بولۇپ، ساراھ ساندېرسنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، بۇ شىركەت خىتاينىڭ ھەربىي سانائىتىگە ياردەم بېرىۋاتقان شىركەت ئىكەن.

ساراھ ساندېرس مۇنداق دېگەن: «بۇ شىركەت دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلدى. خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بۇنداق شىركەتلەر تېخنىكىمىزنى ئوغرىلاپ خىتايغا بېرىدۇ. دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ئامېرىكادىن يەر سېتىۋېلىشى ئۇلارنىڭ ئەمدى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىمىزغا كۆز تىككەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە دېھقانلىرىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن چوڭ تەھدىت» .

ساراھ ساندېرسنىڭ ئېيتىشىچە، ئاركانزاس شىتاتى يەر باشقۇرۇش ئىدارىسى شيەنجېڭدا شىركىتىگە يەرنى قايتۇرۇشنى بۇيرۇغان، ئەگەر ئۇلار يەرنى قايتۇرۇپ سېتىپ بەرمىسە، ئەدلىيە ئورۇنلىرى قانۇنىي تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنى بۇ شىتاتتىن ھەيدەپ چىقىرىدىكەن.

بۇ يىل 3-ئايدا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى مايك براۋن Sen. Mike Braun) ) قاتارلىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكادا تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغانىدى.

مايك براۋن بۇ قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى باياناتىدا: «ئۆتكەن ئون يىلدا خىتاينىڭ ئامېرىكادىن تېرىلغۇ يەر ئىگىلىۋېلىشى 20 ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان. بىز ئامېرىكاغا دۈشمەن بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىزدىن يەر سېتىۋېلىپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەمىنلەش ھالقىسىغا تەسىر يەتكۈزۈشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك» دېگەنىدى.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.