ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن

21-نويابىر كۈنى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى (ASEAN) نىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لويد ئوستىن لائوستىكى يىغىن مەزگىلىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، رايون بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سۆھبەت دەل خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرى كۈچەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، رايون دۆلەتلىرى ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلماقتىكەن. لويد ئوستىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكىگە ئەزا ھىندونېزىيە، ۋىيېتنام، لائوس، برۇنى، تايلاند، مالايسىيا، بېرما، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» سىياسىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە رايوندىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى قوللاشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن لائوسقا بېرىشتىن بۇرۇن يەنە، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. ئۇلار يەنە، شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى مۇقىمسىزلىق ھەرىكەتلىرىگە، جۈملىدىن خىتاينىڭ فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرىغا تەھدىت سېلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.