ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى خىتايغا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.07.10

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا رەئىسى مايك جونسون (Mike Johnson) 7-ئاينىڭ 8-كۈنى خۇدسون ئىنستىتۇتىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن خىتايغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مايك جونسون ئامېرىكانىڭ ئەمدى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك كۈچلۈك رەقىبى بولمىسىمۇ، بىر قىسىم دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان رەقىبلىرىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ خىتاينى مەركەز قىلغان ۋە رۇسىيە، ئىران، شىمالىي كورېيە، ۋېنېزۇئېلا، كۇبادىن تەركىب تاپقان دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ ئامېرىكاغا ئاشكارا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «گەرچە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى ۋە نىشانى بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسىنىڭ ئەتىگەندە تۇرۇپلا ئويلايدىغان بىرىنچى ئىشى قانداق قىلغاندا ئامېرىكانى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت» دېگەن.

مايك جونسوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ھەربىي ئىتتىپاق شەكىللەندۈرگەندىن باشقا يەنە، تېخنىكا ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن بىر-بىرىنى يۆلەيدىكەن؛ ئامېرىكانىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلاپ، ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىشقا، سودا مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنىدىكەن. ئۇ خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە باشلامچىلىق رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «خىتاي پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تەھدىت شەكىللەندۈردى، ئۇنى چوقۇم چەكلەش كېرەك. دۆلەت مەجلىسىمىز بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ خىتايغا تاقابىل تۇرىدۇ» دېگەن.

مايك جونسون بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مۇددىتى ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش قانۇن لايىھەلىرىگە بېلەت تاشلاشنى تېزلىتىپ، كېيىنكى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينى كۈچلەندۈرىدىغان سىياسەت قوللىنىىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى، رۇسىيە بىلەن ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقان خىتاي ھەربىي سانائىتىنى چەكلەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىگە قاراتمىلىق ھالدا چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى، بۇ يىل كۈزدە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ رەقىب دۆلەتلەرنىڭ بىئو-تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى چەكلەيدىغان «بىيولوگىيەلىك خەۋپسىزلىك قانۇن لايىھەسى» نى ئاۋازغا قويىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئامېرىكانىڭ «800 دوللاردىن تۆۋەن مالغا تاموژنا چەكلىمىسى قويماسلىق» بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتىپ، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىش يولىنى توسىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.