سەئۇدى ئەرەبىستان سۈرىيەدىكى ئاتالمىش ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇشقا ھەربىي جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاقساراي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەزكۇر قارارىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.
ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنىست مۇنداق دېدى:«بىز ئىتتىپاقدىشىمىز سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلار ئۈچۈن ھەربىي ياردىمىنى كۆپەيتىشكە تەييارگەرلىك كۆرىدىغانلىقىنى ئەلۋەتتە قارشى ئالىمىز.»
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر ئىتتىپاقداشلىرىنى ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ياردەمنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان، سەئۇدى ئەرەبىستان پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر قارارى ئارقىلىق كارتېرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان.
