ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دىنىي ئەركىنلىك بويىچە ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى چېرسىي برىنت خىتاي ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلغان


ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە، يەنى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دىنىي ئەركىنلىك بويىچە ئالاھىدە باش ئەلچىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى چېرسىي برىنت خانىم بېيجىڭدىكى خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلغان.

چېرسىي خانىم باشچىلىقىدىكى بۇ ئۆمەك بەش كىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم ئۇلارنى كۈتىۋالغان ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

خىتاي ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىدىن كەلگەن بۇ ئۆمەك سۆھبەت جەريانىدا ئادىل كېرەم ھاجىدىن خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج تاۋاب، مائارىپ، دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قاتارلىق تېمىلار بويىچە سوئال سورىغان. ھالبۇكى، ئادىل ھاجى كېرەمنىڭ بۇ سوئاللارغا قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

كۆزەتكۈچىلەر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك بويىچە ئالىي مەسلىھەتچىلىرىنىڭ خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك قاتتىق چەكلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.