ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئادالەتكە دەۋەت قىلغان


ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى 12 - يانۋار كۈنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا سۆز قىلغان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى مات سالمان ۋە كرىستوفېر سمىت ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى، لېكىن ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىلا كۆزدە تۇتۇپ كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسىدىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مات سالمان بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ خىتاي بىلەن مۇستەھكەم بىر مۇناسىۋەتكە ئېھتىياجىمىز بار، ئەمما بۇ دېگەنلىك، بىز ئۇلۇغ دۆلەتلىك ئورنىمىزدىن ۋاز كېچىشىمىز كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇ ئېسىل قىممەت قاراشلىرىدا داۋاملىق ھالدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.»

خوڭكوڭدا بەش نەپەر كىتاب سودىگىرىنىڭ سىرلىق غايىب بولۇپ كېتىش ۋەقەسى ئۈستىدە توختالغان كرىستوفېر سمىت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭدا قىلىۋاتقان زوراۋانلىقلىرىنى خوڭكوڭدىمۇ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خوڭكوڭنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ «مەن، بۇ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئەگەر مۆتىدىل يول تەرەپدارلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ئورنىدىن دەست تۇرۇپ، بىز نېمە ئۈچۈن ئۆز خەلقىمىزگە زۇلۇم سالىمىز دېيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.