ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانۇن لايىھەسى ۋە ئىككى قارار لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى زور ئالقىشقا ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-12-09
Share

8-دېكابىر كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق يوقۇرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئەيىبلەش ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئەيبلەش ھەققىدىكى ئىككى قارار لايىھەسىمۇ ماقۇللاندى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 6-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سەۋەبىدىن خىتاي ساھىبخانلىق قىلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بويقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئارقىدىنلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ۋە ئىككى قارار لاھىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتادا ئاۋازغا قويۇلۇپ بىرگە قارشى 428 ئاۋاز بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەستىقتىن ئۆتۈشى زور ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۇيغۇرلار بۇنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياقلاشتۇرۇشتىكى زور بىر قەدەم، دەپ باھالىدى.

نۇرغۇنلىغان داڭلىق مەتبۇئاتلار بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتتى. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا پرېزىدېنت بايدېننى دەرھال بۇ قانۇن لايىھەسىگە قول قويۇپ، ئۇنى كېچىكتۈرمەي ئىجرا قىلىشقا چاقىردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن قاتتىق نارازى بولغان. خىتاينىڭ ئاۋازى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بۇ ھەقتىكى ئىنكاس ماقالىسىدا: «ئامېرىكا ئاتالمىش مەجبۇرىي ئەمگەكنى باھانە قىلىپ خەلقئارا ئەركىن تىجارەتكە توسقۇنلۇق قىلدى،» دەپ ئەيىبلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت