سانلىق مەلۇماتلار ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي گەۋدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
MSN تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇشۇ ھەپتىدە ئېلان قىلىنغان مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئامېرىكا 2023-يىلىدا 1960-يىلىدىن بۇيانقى دۇنيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ قالغان.
ھىندىستاندا چىقىدىغان «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ باھالىشىچە، «ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادى مۇلازىمەت، ياسىمىچىلىق، پۇل-مۇئامىلە ۋە تېخنىكا قاتارلىق مۇھىم ساھەلەرنىڭ تۈرتكىسىدە كۆرۈنەرلىك كۆپ خىللىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ مۇستەھكەم ئىستېمال بازىرىنى قوللايدىكەن؛ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش روھىنى ئۇرغۇتىدىكەن، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئەۋزەل سودا شارائىتىغا ئىگە» ئىكەن.
«Investopedia» ناملىق مالىيە خەۋەرلىرى تورىمۇ، ئالدىنقى ئايدىكى GDP سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن ئامېرىكا ئىقتىسادىنى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتارغا قويغان. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، مۇلازىمەت كەسپى، پۇل-مۇئامىلە، ئۆي-مۈلۈك، سۇغۇرتا، كەسپىي ۋە سودا مۇلازىمىتى ۋە ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىقلار مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان رەقەملەردىن قارىغاندا، ئامېرىكا يۇقۇمدىن كېيىنكى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى تېز ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
2023- يىلىدا ئامېرىكادا خەلق ئارىسىدا ئەپ بېرىلغان راي سىناشلاردا ئامېرىكالىقلار پۇل پاخاللىقىدىن شىكايەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكادىكى پۇل پاخاللىقى باشقا ئىلغار دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى تېز تىزگىنلەنگەن ئىكەن.