باش ئەلچى: ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن جەنۇبىي دېڭىزىدا بىرلىكتە چارلاش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.02.03

بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا بىرلىكتە چارلاش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە جەنۇبىي دېڭىزدا فىلىپپىن ۋە ئامېرىكىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن، ئەمما فىلىپپىن بىلەن بۇ ھەقتە كونكرېت نېمىلەردە كېلىشكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. پەقەت ئامېرىكا بۇ تەۋەلىكتە چارلاش ئېلىپ بارغاندا خەلقئارا قانۇندىن چەتنىمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا دېڭىز ئارميىسى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش - تارتىشتىكى بۇ دېڭىز تەۋەلىكىدە، قاتناش ئەركىنلىكى پىلانى بويىچە ئۆتكەن بىر يىلدا ئىككى قېتىم ئۇرۇشچى پاراخوتى بىلەن چارلاش ئېلىپ بارغان ۋە خىتاينىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. فىلىپپىن بىلەن خىتاي ئارىسىدىمۇ مەزكۇر تەۋەلىكنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ ئارىلاپ جىددىيلىشىپ تۇرماقتا. ئامېرىكا بۇنداق مەزگىللەردە فىللىپپىن بىلەن ئارىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمى بويىچە، ئەگەر ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىسا، ئۆزىنىڭ فىلىپپىن تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئوچۇق ھالدا بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.