رويتېرس ئاگېنتلىقى ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا ۋە ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تالاش-تارتىشتىكى جەنۇبىي دېڭىزدا ئورتاق چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقاندىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭلېي بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، جەنۇبىي دېڭىز رايونىغا تەۋە بولمىغان دۆلەتلەر بۇ رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىپ، «دېڭىز يولى ساياھەت ئەركىنلىكى» دېگەن نام ئاستىدا رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك» دېگەن.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى بىر ئەمەلدار بۇ ھەپتە رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا، ئامېرىكا ۋە ھىندىستان ئىككى تەرەپ دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم رايونلاردا ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي باياناتچى خوڭلېي ھىندىستاننىڭ ئىسمىنى ئوچۇق تىلغا ئالماي تۇرۇپ «بىز بەزى دۆلەتلەرنى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ھەرىكەت قىلىپ، ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالماسلىققا چاقىرىمىز» دېگەن.
خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان رايونلاردا ئىككى سۈنئىي ئارال ياساپ، ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بىر قانچە قېتىم بۇ سۈنئىي ئاراللارغا يېقىن جايغا پاراخوتلىرىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق بۇ دېڭىز رايونىنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇقلۇقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئامېرىكا نۆۋەتتە جەنۇبىي دېڭىزدىكى شېرىك دۆلەتلىرى ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى كېڭەيمىچىلىكىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تىرىشماقتىكەن.
