ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خۇاۋېي شىركىتىگە مىكرو ئۆزەك تېخنىكىسى تەمىنلەشنى توختىتىشقا چاقىردى

خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتى خەلقئارا شىركىتى (SMIC) ئامېرىكانىڭ چەكلىمىسىگە قارىماي خۇاۋېي شىركىتىگە مىكرو ئۆزەك (چىپ) تەمىنلىگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى رەئىسى مايك گالىگېر بايدىن ھۆكۈمىتىنى خىتايغا ئامېرىكانىڭ تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلىشتا يەنىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.

«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 6-سېنتەبىر كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات شىركىتى خۇاۋېي ئالدىنقى ھەپتە «Mate 60 Pro» ناملىق يېڭى تېلېفونىنى بازارغا سالغان. بۇ تېلېفونغا ئىشلىتىلگەن مىكرو ئۆزەكنى تېخنىكىلىق تەھلىل قىلغۇچىلار، ئۇنى خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتى خەلقئارا شىركىتى تەمىنلىگەنلىكىنى بايقىغان.

مايك گالىگېر بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، «ئەگەر ئامېرىكانىڭ تېخنىكىسى بولمىسا، بۇ مىكرو ئۆزەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش قىيىن. خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتى خەلقئارا شىركىتى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ‹چەت ئەلگە بىۋاسىتە مەھسۇلات سېتىش قائىدىسى› گە خىلاپلىق قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا ئەمدى خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىگە ھەمدە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتى خەلقئارا شىركىتىگە تېخنىكا ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىشى، ئامېرىكانىڭ قانۇنىنى كۆزىگە ئىلمىغان ۋە دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالغان ھەر قانداق شىركەت بىلەن تېخنىكا جەھەتتىكى ئالاقىسىنى ئۈزۈشى كېرەك» .

رۇيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2019-يىل خۇاۋېي شىركىتى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت دەپ قارىلىپ قارا تىزىملىككە ئېلىنغان؛ 2020-يىل 9-ئايدا خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتى خەلقئارا شىركىتىمۇ خىتاينىڭ ھەربىي سانائىتىگە ياردەم بەرگەن دەپ قارىلىپ چەكلىمىگە ئۇچرىغان؛ ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بەلگىلىمە چىقىرىپ، بۇ شىركەتلەرگە تېخنىكا تەمىنلەيدىغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ھۆكۈمەتتىن رۇخسەت ئېلىشقا بۇيرۇغان. ھالبۇكى، ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۇلارنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدىغان نەچچە مىليارد دوللارلىق مەھسۇلات سېتىش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن.