ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.01.15

15-يانۋار كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى تېزدىن ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەقلەرنى تەلەپ قىلغان بىر زىيالىينى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىشى كەسكىن تەنقىدلىنىپ «بۇ قاماق جازاسى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ش ئۇ ئا ر دا ئىجرا قىلىنىۋاتقان تەڭسىز ۋە كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى سىياسەتلەرنى، جۈملىدىن قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى تەنقىد قىلىشقا جۈرئەت قىلغان جاسارەتلىك سادالارنى ئۆچۈرۈشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇنماقتا» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ھېلىھەم ئىجرا قىلىۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇملارنى ئەيىبلەپ، ئىلھام توختىنىڭ تېزدىن قويۇپ بېرىلىشى لازىملىقىنى، بۇنىڭغا ھېچقانداق شەرت قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

15-يانۋار كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پىراگا شەھىرىدە «ۋاسلاۋ خاۋېل كۇتۇپخانىسى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك: ئىلھام توختىغا بېغىشلانغان كېچە» تېمىسىدا مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن.  ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا بېغىشلانغان مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتىدە «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەنۋەر جان ۋە باشقا شەخسلەر، جۈملىدىن جەۋھەر ئىلھام، ئۆندرېي كىلىمېس قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئەيىبلىگەن. شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ھەرقايسى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئىلھام توختى ھەققىدىكى تۈرلۈك باياناتلىرى ۋە قىسقا ئۇچۇرلىرىمۇ ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن كەڭ ئورۇن ئالدى.

بېيجىڭدىكى «مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ پىروفېسسورى ئىلھام توختى 2014-يىلى 15-يانۋاردا قولغا ئېلىنغان ھەمدە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.