ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش پائالىيىتى باشلىغان


ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ يىللىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىسى ئىلھام توختىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارادا تەسىرى چوڭ 10 نەپەر سىياسى مەھبۇسنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش پائالىيىتى باشلىغان.

خەلقئارادا تەسىرى چوڭ بۇ 10 نەپەر سىياسى مەھبۇس ئىلھام توختىدىن باشقا ئىرانلىق نارگىز مۇھەممەدى، مىسىرلىق ئۆمەر مۇھەممەت ئالى، رۇسىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى قىرىملىق ئولىگ سېنتسوف، ئېفېئوپىيەلىك بېكېلې گېربا قاتارلىق شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سامانتا پوۋېر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بىز بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى بۇ كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز. سىياسى مەھبۇسلار ئۆزىنىڭ پىكرىگە ئەركىن قويۇپ بېرىلىشى، ئۆزى سۆيگەن نەرسىلەردە ئەركىن بولۇشى، ئۇلار ئائىلىسىگە قويۇپ بېرىلىشى كېرەك» دېگەن.

سامانتا پوۋېر يەنە، «بۇ شەخسلەرنىڭ كەچمىشلىرى بايرام كۈنلىرىنى تۈرمىدىكى سۆيگەن كىشىلىرىسىز ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىۋاتقان نۇرغۇن سىياسى مەھبۇس ئائىلىلىرىنىڭ زور كۈرەش كارتىنىلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوللىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغان بۇ سىياسى مەھبۇسلار ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە بۇنداق بىر پائالىيەت باشلاشقا ئەرزىيدۇ. بۇ مەھبۇسلار دۇنيادىكى ئادالەتسىز تۇتقۇن قىلىنغان باشقا مىڭلىغان مەھبۇسلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ» دېگەن.

بۇ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلار ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ ئادالەتسىز سوتلانغانلىقى ۋە دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.