ئامېرىكا ئىستانبۇلدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ھېزى بولۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.06.17

ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى جۈمە كۈنى كەچقۇرۇن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىستانبۇلدا ئېلىنغان بىخەتەرلىك تەدبىرى تۈپەيلى مەزكۇر شەھەردىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئۆز ئامانلىقىغا ھېزى بولۇشقا چاقىرغان. باياناتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «بىر تېررور تەھدىتىگە جاۋابەن، تۈركىيە خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى ئىستانبۇلنىڭ مەجىدىيەكوي رايونى، بولۇپمۇ سىسلى ئاگائوغلۇ كوچىسىدا كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرى ئالدى.»


ئۇلار باياناتىدا، بۇ رايوندا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان بىخەتەرلىك تەھدىتلىرى ھەققىدە كونكرېتىنى مەلۇماتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما شۇنداقتىمۇ ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئىلگىرى چىقىرىلغان بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ روھى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ھوشيار بولۇشقا، ئەتراپىدىكى مۇھىتىنى ئوبدان كۆزىتىپ، كۆپ ئادەم توپلاشقان جايلارغا بارماسلىققا چاقىرغان. باياناتتا يەنە ئامېرىكا پۇقرالىرى چەتئەللىكلەر كۆپ بارىدىغان رېستوران، سودا مەركەزلىرى ئىبادەت ئورۇنلىرى ۋە قاتناش مەركەزلىرىدىن ئۇزراق تۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان. 

ھالبۇكى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى كونكرېتنى ئىستىخبارات ئۇچۇرىغا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئالغان نورمال بىخەتەرلىك تەدبىرىگە ئاساسەن چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىنىڭ تېررورلۇق تەھدىتى سەۋەبىدىن ئېلىنغانلىقىنى رەت قىلغان. 

2017-يىللىق يېڭى يىل ھارپىسى ئىستانبۇلدىكى ئاساسەن چەتئەللىكلەر بارىدىغان رېينا كۇلۇبى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 39 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، 70 تەك ئادەم يارىلاندۇرۇلغان. تۈركىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى شۇندىن ئېتىبارەن ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ساياھەت خەۋپسىزلىكىگە ئالاقىدار كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.