ئامېرىكا گېنېرالى: جەنۇبىي دېڭىزدىكى چارلىشىمىز داۋام قىلىدۇ، ھاۋادىن ھەم دېڭىزدىن.

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.02.15


ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە 7 - برىگاداسىنىڭ قوماندانى Joseph P Aucoin بۈگۈن سىنگاپوردا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش - تارتىشلىق تېررىتورىيىدە داۋاملىق چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە بۇ چارلاشنىڭ ھاۋادىن ھەم سۇدىن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر تەۋەلىكتە خەلقئارا قانۇنلاردىكى ھەق - ھوقۇقىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە بايان قىلىنىشىچە،مۇاۋىن ئادېمىرال جوسەپ خىتاينىڭ تەۋەلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بېلىقچى ۋە تىجارەت كېمىلىرىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي تەرەپنى مەزكۇر تەۋەلىكتىكى ھەرىكەتلىرىدە ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشقا چاقىرغان.

قوماندان جوسەپ يەنە، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ھېچقاچان قۇتراتقۇلۇق قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر تەۋەلىكتە خىتاينىڭ ئۇرۇشچى ئايروپلانلىرى بايقالسا، بۇنىڭ مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا دەرھال ۋە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.