ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزغا زەربە بېرىش گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.03.06

خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ بىر قىسىم ئاراللىرىغا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى يۆتكىگەنلىكى دەلىللىنىپ دېڭىز ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە، ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزغا زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، USS JOHN C. STENNIS ناملىق يادرو يېقىلغۇلۇق ئاۋىئاماتكا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن قوراللانغان ئىككى قوغلىغۇچى ئۇرۇش پاراخوتىدىن تەركىب تاپقا مەزكۇر گۇرۇپپا ئامېرىكا 7 - فلوتىغا تەۋە ئىكەن.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە 7 - فلوتىنىڭ جۈمە كۈنى بەرگەن باياناتىغا قارىغاندا، يۇقىرى پاراخوتلار 1 - مارتتىن بۇيان تەيۋەن ۋە فىلىپپىن ئارىسىدىكى لۇزون بوغۇزىدا ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان.

باياناتتا خىتاي ھەربىي كېمىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

باياناتتا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر زەربە بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ قوماندانى كاپىتان گرەگ ھۇفمان: «بىز بۇرۇن خىتاي پاراخوتلىرىنى بۇ يەردە كۆرمىگەن، ھازىر خىتاي پاراخوتلىرى ئەتراپىمىزدا ئەگىپ يۈرمەكتە» دېگەن. ئەمما ئۇ، بۇ پاراخوتلار ئارىسىدا ھازىرچە مەسىلە كۆرۈلمىگەنلىكى ئېيتقان.

خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى «ئۆزىنىڭ» دەپ جاكارلاپ، مەزكۇر دېڭىزنىڭ سپراتېل ۋە پاراسېل ئاراللىرى تەۋەسىگە بىر نەچچە سۈنئىي ئاراللارنى ياسىغاندىن كېيىن، مەزكۇر رايوندىكى زېمىن دەتالىشى تېخىمۇ ئۇلغايغان.

ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى خىتاينىڭ پاراسېل تاقىم ئاراللىرىدىكى ۋۇدىي ئارىلىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا، خىتايچە«خۋاياڭ مارجان خادا تاشلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان كۋارتېرون مارجان ئارىلىغا رادار ئورناتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

ئامېرىكا ئەينى چاغدا خىتاينى جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرمەسلىككە چاقىرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.