ئامېرىكا بىلەن كانادا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى توسۇۋالغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.07.25

7-ئاينىڭ 24-كۈنى، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى ئامېرىكانىڭ ئالياسكا ھاۋا بوشلۇقىغا يېقىنلاشقاندا، ئامېرىكا بىلەن كانادا كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ئۇلارنى توسۇۋالغان.

25-ئىيۇل ئامېرىكانىڭ «تۆپىلىك» (The Hill) خەۋەر تورىدا بېرىلگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، شىمالىي ئامېرىكا ھاۋا مۇداپىئە قوماندانلىق ئىشتابى (NORAD) 24-ئىيۇل كۈنى بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ، ئامېرىكانىڭ ئالياسكا ئىشتاتى ھاۋا بوشلۇقى دائىرىسىگە يېقىنلاشقان رۇسىيەنىڭ ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلانى بىلەن خىتاينىڭ ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى بايقاپ ئىز قوغلىغانلىقى ھەمدە ئۇلارنى توسۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ بومباردىمانچى ئايروپىلانلار ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا كىرمەي، پەقەت خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا ھەرىكەت قىلغان، شۇڭا بۇنى ئامېرىكا بىلەن كاناداغا سېلىنغان تەھدىت دەپ قاراشقىمۇ بولمايدىكەن. ئەمما خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئامېرىكاغا قارشى ئىتتىپاقلىقى ۋە رىقابەتلىرىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى داۋاملىق كۆزىتىش كېرەك ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا شىمالىي قۇتۇپ رايونى ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىمۇ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. ئۇنىڭدا بېرىلگەن مەلۇماتتا، يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىسسىشى، شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇزلارنىڭ ئېرىشى نەتىجىسىدە، تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان بويىدىكى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان دېڭىز يولى ئېچىلىشقا باشلىغانلىقى، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇنىڭدا ئورتاق مەنپەئەتى بارلىقى كۆرسىتىلگەنىدى.

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى توسۇشقا بۇ قېتىم كانادانىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىمالىي ئامېرىكا ھاۋا مۇداپىئە قوماندانلىق ئىشتابى بۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان خەۋپكە قارشى بىرلەشمە ھاۋا مۇداپىئە سېپىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىمەكچى ئىكەن.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.