ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-03-06
Share


ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيە بىرلىكتە 7 - مارتتىن 30 - ئاپرېلغىچە كەڭ كۆلەمدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىرغا 15مىڭ نەپەر ئامېرىكا ھەربىي خادىمى ۋە 300 مىڭ نەپەر جەنۇبىي كورىيە ھەربىي خادىمى قاتنىشىدىكەن.

ئامېرىكا، كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئەترىتى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى، ئاۋىئاتماتكا، سۇ ئاستى پاروخوتى قاتارلىقلارنى ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشتۇرىدىكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە مۇداپىئە مىنىستىرى خان مىنكو بۇ مانېۋىرنىڭ ھەجمى ئۆتكەن يىلىدىكىدىن ئىككى ھەسسە زور ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كورىيە يېرىم ئارىلى رايونىنىڭ بىخەتەرلىكنى مەسىلىسى بۇ يىل 1 - ئايدىن باشلاپ جىددىيلەشكەن بولۇپ، شىمالىي كورىيەنىڭ خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماستىن ۋودروت بومبىسى سىناق قىلىشى ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق راكېتا قويۇپ بېرىشى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ۋە رايون ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرگەن ئىدى.

3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو پىلانى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانلىرىغا قارىتا بىر قاتار ئىمبارگولارنى يۈرگۈزۈشنى قارا قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت