ئامېرىكا لائوستا يەنە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئوچۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما پەيشەنبە كۈنى لائوستا ئېچىلغان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ سەپەرگە ئوچۇق بولۇش مەسىلىسىنى قايتا تەكىتلىگەن.

ئۇ سۆزىدە، ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزنىڭ راۋانلىقىغا ئائىت خەلقئارا قانۇنلار بىر چەتكە قايرىپ قويۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇنى كۆرمەسكە سالالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ «ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئائىت ئىختىلاپلارنىڭ خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىنىشىنى قوللايدۇ» دېگەن.

بۇ يىل 7-ئايدا گوللاندىيەدىكى خەلقئارا سوت بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تامامىنىڭ ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ ھېچقانداق «تارىخى ۋە قانۇنىي ئاساسىي يوق» دېگەن ئىدى. ئوباما پەيشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە مانا بۇ قارارنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ، رايوندىكى سەپەر ھوقۇقىنى دەلىللىگەنلىكىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن «ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئوبامانىڭ بۇ سۆزى دەرھال خىتاينىڭ چىشىغا تەگدى. پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئوبامانى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئوبيېكتىپ بولۇشقا چاقىردى.

بىراق، فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنى ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىدىغان باياننامىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىدىن قارىغاندا، خىتايغا قارىتا كۈچلۈك رەۋىشتە بىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمەيدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى خىتاينىڭ يىغىن ئالدىدا رايون دۆلەتلىرىدە قىلغان جىددىي لوبىيچىلىق ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.