ئامېرىكانىڭ 2022-مالىيە يىلىغا ئائىت «دۆلەت مۇداپىيە ھوقۇقى قانۇنى» دا خىتايغا تاقابىل تۇرۇش تەكىتلەنگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.09.23

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 2022-مالىيە يىلىغا ئائىت «دۆلەت مۇداپىيە ھوقۇقى قانۇنى» لايىھەسىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئاۋازغا قويۇشقا تەييارلاۋاتقان بولۇپ، بۇ لايىھەدە ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك ماددىلار مەۋجۇت ئىكەن.

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا 22-سېنتەبىر كۈنى مەزكۇر «دۆلەت مۇداپىيە ھوقۇقى قانۇنى» توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنياۋى تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇلار ئۇيغۇر ئېلىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنى چەكلەش ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بايان قىلىشىچە، 2022-مالىيە يىلىدىكى «دۆلەت مۇداپىيە ھوقۇقى قانۇنى» دا ئۇيغۇر ئېلىدىكى داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇم كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان. «دۆلەت مۇداپىيە ھوقۇقى قانۇنى» نىڭ 836-ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىغا 2022-مالىيە يىلىدا بېرىلگەن مەبلەغنى بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىق ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە كان ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.»

بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ 1323-ماددىسىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى رەسمىي سالاھىيىتى بىلەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى قاتناش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش چەكلەنگەن. بۇ ماددا ئامېرىكانىڭ بۇ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشىغا چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئاۋام پالاتاسىنىڭ «دۆلەت مۇداپىيە ھوقۇقى قانۇنى» تور بىخەتەرلىكى، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى تەرەققىياتىنى كۈچەيتىشنى، بىئو-تېخنىكا، يۆنىلىشلىك ئېنېرگىيە قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىدىكەن.

2022-مالىيە يىلىغا ئائىت «دۆلەت مۇداپىيە ھوقۇقى قانۇنى» بويىچە ئاۋام پالاتاسى يېڭى بەش يىلدا بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ خامچوتىنى 770 مىليارد دوللار، دەپ مۆلچەرلىگەن بولۇپ، بايدىن ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان خامچوتتىن 25 مىليارد دوللار كۆپەيتىلگەن ئىكەن.

ئاۋام پالاتاسى قوراللىق مۇلازىمەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئادام سىمىس 21-سېنتەبىر كۈنى ئاۋام پالاتادىكى مۇنازىرىدە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ قانۇن لايىھەسى ئالاھىدە مۇھىم، چۈنكى بىز بۇ دۆلەتنى قوغداش ۋە دۇنيادىكى رولىمىزنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى مۇھىم پەيتتە تۇرۇۋاتىمىز، بىز ئەزەلدىن ھازىرقىدەك مۇرەككەپ ھەم تەھدىت ئىچىدىكى مۇھىتىغا دۇچ كېلىپ باقمىغان. بىز روسىيە، خىتاي، ئىران، شىمالىي كورىيە ۋە دۆلەت ھالقىغان تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز.»

ئاۋام پالاتاسى قوراللىق مۇلازىمەت كومىتېتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان باشلىقى مايك روجېرس بولسا «خىتاينىڭ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكا ۋە قورال سىستېمىسىدىكى ئىلگىرىلىشى بىزدىن ئېشىپ كەتتى. بىز خىتاينىڭ بۇ ئىقتىدارلارنى پەقەت دۆلەت مۇداپىيەسى ئۈچۈنلا تەرەققىي قىلدۇرمىغانلىقىنى بىلىمىز،» دېگەن.

1300 بەتلىك بۇ «دۆلەت مۇداپىيە خىراجىتى قانۇن لايىھەسى» ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەرەققىيات، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، كورونا ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە خەلقئارا تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىن خىتايغا چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تىركىشىش ۋەزىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.