ئامېرىكىنىڭ كونېكتىكۇت شتاتىدىكى بىر فېدېرال مەھكىمە پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھەربىي تېخنىكىسىنى ئوغرىلاپ، خىتايغا توشىغان بىر خىتاي پۇقراسىنى 2 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئامېرىكا تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 39 ياشلىق لۈ يۇڭ ئامېرىكىدا مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇشلۇق يېشىل كارتىسى بار ئىنژېنېر بولۇپ، ئۇ بۇرۇن كونېكتىكۇت شتاتىنىڭ شەرقى خاردفورت رايونىدىكى «بىرلەشمە تېخنولوگىيە» شىركىتىدە ئىشلىگەن.
ئۇ بۇ جەرياندا مەزكۇر شىركەتنىڭ بەزى نازۇك ماتېرىياللىرىنى ئوغرىلاپ خىتايغا توشىدىغان. ئامېرىكا تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لۈ يۇڭ «بىرلەشمە تېخنولوگىيە» شىركىتىدىكى ۋاقتىدا ف-22 ، ف-35 تىپلىق ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدا قوللىنىدىغان ماتورلارنىڭ لايىھىلەش ئىشلىرىغا ئارىلاشقان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لۈ يۇڭ مەھكىمىدە ئۆزىنىڭ نازۇك ماتېرىياللارنى ئوغرىلاپ، خىتايغا توشىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
لېكىن لۈ يۇڭنىڭ ئادۋوكاتى، ئۇنىڭ نازۇك ماتېرىياللارنى خىتايدا ھېچكىمگە بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ئامېرىكا تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۈ لۇڭ 2013- ۋە 2014-يىللىرى خىتاينىڭ شېنياڭ ئاپتوماتىك ماشىنا ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن خىزمەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ «بىرلەشمە تېخنولوگىيە» شىركىتىدىن ئوغرىلىغان نازۇك ماتېرىياللارنى بۇ ئورگانغا تاپشۇرغان. لۈ يۇڭ 2014-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسېي شتاتىدىكى نېۋارك خەلقئارا ئايرودرومىدىن خىتايغا قاراپ ئۇچۇش ئالدىدا بەزى نازۇك ماتېرىياللار بىلەن قولغا ئېلىنغان ئىدى.
ئامېرىكا خاردفورد فېدېرال مەھكىمىسىنىڭ قارارى ئامېرىكا-خىتاي دىپلوماتىيە-مۇداپىئە دىئالوگى ۋاشىنگتوندا باشلانغان كۈنى ئېلان قىلىندى. 22-ئىيۇن باشلانغان ئىككى كۈنلۈك دىئالوگ جۈمە كۈنى ئاخىرلاشقان ئىدى.
